«شىمالىي كورېيە» گە ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بۇ رايوندا زىيارەتتە بولغان مۇخبىرلىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «شىمالىي كورېيە» چە خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقى زور دىققەت قوزغىدى.

ئاننا فايفىلد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قەشقەر ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشكەندىن تارتىپ خىتاي ساقچىلار 24 سائەت ئۇلارغا ئەگەشكەن: يولدا ماشىنىلىق ئەگەشكەن بولسا مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى مېھمانخانا زالىدا ئۇلارنى سۆھبەتكە بەند قىلغان. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشىگە قىلچىلىكمۇ پۇرسەت بەرمىگەن. مۇخبىرلار ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن «بىز ‍ئۆزىمىزنى خىتايدا ئەمەس، بەلكى شىمالىي كورېيەدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇق» دېگەن.

مۇخبىرلار دىققەت قىلغان بىر نۇقتا، ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن قەشقەرنىڭ خىتايچە تۈس ئېلىپ شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭغا ئوخشاپ قېلىشى بولغان. ئۇلارنىڭ كۆزىتىشىچە، قەشقەر شەھىرىدە بىر قارىماققا ھەممە نەرسە نورمال كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئەمما يېقىندىن قارىغاندا قەشقەر كوچىسىدا ساقال-بۇرۇتى بار بىرمۇ ئەرنى، ھېجاپلانغان بىرمۇ ئايالنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. چەتئەللىككە سۆز قىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا كېتىشى ئېنىق بولغاچقا مۇخبىرلار پەقەت كۆزىتىشتىن باشقىغا ئىلاج قىلالمىغان. ئۇ شۇ چاغدىلا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەلىك كەسپداش مۇخبىرلىرىنىڭ سوئال-سوراققا تارتىلىشى، تەھدىتكە دۇچ كېلىشى ھەمدە قولغا ئېلىنىش خەۋپىگە ئۇچرىغانلىقىدەك مۈشكۈلاتىنىڭ ھېچقانچە ھەيران قالىدىغان ئىشلار ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.

مۇخبىرلارنىڭ كۆزىتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ غايەت زور دەرىجىدە چوڭايتىلغان سۈرىتى بەجايىكى شىمالىي كورېيە دىكتاتورى كىم جوڭئونننىڭ پۈتۈن كوچىلارنى قاپلىغان تەشۋىقات سۈرەتلىرىنى ئەسلىتىدىكەن. كىم جوڭئون بولسا بۇ خىل «شەخسنى مەركەز قىلىش» ھادىسىسىنى جوسېف ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭدىن ئۆگەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارتىپ شەرقتىكى خىتاي دېڭىز بويلىرىغىچە بولغان پۈتكۈل تېرىتورىيەنى مۇشۇ خىل سىياسىي ئاتموسفراغا مەھكۇم قىلىپ بولغان. ئۇلار ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا ئۇلارنىڭ بىر كونا تونۇشى ئۇلارغا چاقچاق قىلىپ «بىز شىمالىي كورېيەنى ئۆتمۈشىمىز قاتارىدا ئويلاپ كەپتىكەنمىز. ئەمدى قارىساق ئۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئىكەن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت