كۆپ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتى خەلقئارادا كەسكىن تەنقىدلىنىۋاتقاندا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئىچكى ئىشلار خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 16-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە بالىلار ۋە ئائىلە ئىشلىرى مىنسىتىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى تىم لوۋتون ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى دومىنىك رابقا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان. مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇبقا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئالىساتايىر كارمايكىل، نۇسرەت غەنى، ئىمران ئەھمەد خان، شابانا مەھمۇد، لەيلى موران، خېنرىي سىمىت قاتارلىق 20 نەچچە كىشى ئىمزا قويغان. مەكتۇپتا ئۇلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى بىڭتۇەن ۋە «ش ئۇ ئا ر جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى»، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشقا بىۋاستە قوماندانلىق قىلىۋاتقان چېن چۇەنگو، جۇ خەيلۇن، سۇن جىنلوڭ، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق سەككىز نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدەك ج خ نازارىتى بىلەن بىڭتۇەننىڭ نۆۋەتتىكى زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەركىتىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بەكمۇ تەپسىلى بايان قىلغان.

كانادانىڭ «يەر شارى خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 16-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانسۋا فىلىپ كانادا پارلامېنتىدىكى نۇتۇقتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى سىز قىرغىنچىلىق، دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەن. فرانسۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى بىلەن ئاشكارا ھەم يېپىق ھالدا مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا بۇ مەسىلىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، يېقىندا 30 نەچچە غەرب دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ھەققىدە ب د ت غا تەكلىپ سۇنغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزلىرىنى بۇ مەسىلىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت