پوپ فرانسىس تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە دىنىي ئامىلنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇن بولۇۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇم بولسىمۇ، كاتولىك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى بولغان پوپ فرانسىس خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدا سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەنىدى.

«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 24-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پوپ فرانسىس شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھەپتە نەشردىن چىققان كىتابىدا «روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، بىچارە ئ‍ۇيغۇرلار ۋە يەزىدىلەر ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئىنسانلاردۇر» دېگەن. پوپ گەرچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەكمۇ تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەسمىي ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى غەرب دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ «پوپ فرانسىسنىڭ ‹ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ› دېيىشى پۈتۈنلەي ئاساسسىز ھۆكۈم. ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بارلىق ھەقلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ھالدا بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى كاتولىك ئېپىسكوپىنى تەيىنلەش مەسىلىسىدە پوپ فرانسىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت