ئەمگەك پارتىيەسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدا قانداق قەبىھلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش چۇقانلىرى يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئەنگلىيەدىكى ئەمگەك پارتىيەسى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسى سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسىنى جىددىي سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىرى بولغان «سول پۇتچىلاپ ئالغا» تورىدا ئېلان قىلىنغان فلورا خولمېس ئىمزاسىدىكى ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى برىتانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا ئىزچىل خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى داۋام ئەتتۈرگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىگە سالمىغان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ھەمدە نۆۋەتتىكى سايلامغا قاتنىشىۋاتقان نامزاتلارنىڭ بىرى بولغان جېرېمىي كوربىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قاتتىقراق يوسۇندا سۆز قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشىغا يول قويماسلىقنى تەكىتلىگەن.

ئاپتور ئاخىرىدا «بىرلەشمە پادىشاھلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئېتىقاد ھەقلىرىنى قوغداشنى مەركىزىي ئورۇنغا قويغاندا يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈنمۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ» دەپ يازىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت