خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئالاھىدە مۇئامىلە» قىلىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېقىندا بېيجىڭدا لاگېرلارنى ئاقلاپ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدىكى كۇرسانتلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى،» دېگەن ئىدى.

16-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «ئوقۇش پۈتتۈردى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ يېڭى تەقدىرىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە مۇلاھىزە قىلدى.

تەھرىرات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىش، خىتايچە تىل ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرغا خاس تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ نېمىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىگە چوڭ بىر سوئال قويۇلىدىكەن. شۇنداقلا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان كۆپلىگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردىن «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» كۇرسانتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېرلاردىن ھېچقانچە پەرق قىلمايدىغان زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئىشچىلىققا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ لاگېرلارغا قوشنا ئورۇنلاردا ياكى لاگېرلارنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقانلىقى بايان قىلىنغان. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئىچكى ھۆججەتلەر ئاساسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشنى تىپىك بولغان «نىشانلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ كۆرسەتمەكتە.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان بەزى ئۇقتۇرۇشلاردا توقسۇ ۋە يەكەن ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلارنىڭ «يېرىم ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىغانلىقى»، بۇنىڭغا كېرەكلىك ساقچى ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىن ئېتىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ھالبۇكى، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرلارغا قامىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە تونۇشلۇق ھۈنەر-كەسىپ ساھەسىدە ئاللىقاچان «پىشىپ بولغان» كىشىلەر بولۇپ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ تەھرىرات ماقالىسىدە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلىنىڭ يېتەرلىك دىققەت قوزغىشى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت