كانادا مەتبۇئاتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى تېما قىلىنغان ماقالە مۇكاپاتقا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» ناملىق گېزىتنىڭ مۇخبىرى ناتان ۋەندېركلىپنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەر ماقالىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەزكۇر مۇكاپات خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تېما قىلىنغان نادىر ماقالىلەرگە بېرىلىدىكەن.

ناتان ۋەندېركلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بېسىم ۋە قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ ئەھۋال ئىنتايىن زىددىيەتلىك بىر سوئال پەيدا قىلىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى زادى رادىكاللارغا زەربە بېرىشمۇ ياكى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشمۇ؟» دەپ يازغان.

مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ باھالىغۇچى ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان جېف ساللوت يۇقىرىدىكى ماقالىنى باھالاپ «ناتان ۋەندېركلىپنىڭ خىتاينىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى قانداق قىلىپ قارىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن تەكشۈرۈش خاراكتېرىدىكى ماقالىسى دىكتاتور رېجىملارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى ئاشكارىلاپ، بىزگە يېڭى بىر ئۇپۇق ئېچىپ بەردى» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسكىن ۋەزىيەت غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتتى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى ۋە ئۇ يەردە خىزمەت قىلىشىغا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت