قىرغىزىستاندا غايىب بولغان ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل 24‏-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئىز ‏-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

مەركىزى چېخىيە پايتەختى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىرغىز دۆلەت ئامانلىق خادىمى ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتايغا مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىرغىزىستانلىق بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ، ئوش شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدە قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ قولى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇر تىجارەتچى قىرغىزىستان ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ قارارى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىلدىمۇ ياكى بەزى ئامانلىق خادىملىرى ئۇنى خىتايدىن پارا ئېلىپ ئۆتكۈزۈپ بەردىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم.

قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. ئەمما ئوش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئازادلىق رادىيوسىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ۋەقەنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقە بەزى قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى چولپان ياقۇپوۋا، بۇ ۋەقە «قىرغىزىستان قانۇنلىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى» دەپ كۆرسىتىپ، «ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ قانۇنى يوللارغا خىلاپلىق قىلىپ، قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ قوغدىشىدىكى بىر كىشىنى ئۆز بېشىمچە ۋە خالىغانچە باشقا بىر دۆلەتكە مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، غەيرىي ئىنسانىيلىق ۋە قانۇنسىزلىق، بۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت