باڭكوك پوچتىسى: «ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھۆرلۈككە ئېرىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز سادا
2018-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «باڭكوك پوچتىسى» دە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى 2014-يىلىدىن بۇيان قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.

«ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھۆرلۈككە ئېرىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالە «باڭكوك پوچتىسى» نىڭ 20-نويابىر سانىغا بېسىلغان. ماقالە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىدە 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاند ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان، خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ۋە شۇ جەرياندا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ چىققان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ باشلانمىسىدا 2014-يىلدىن بېرى تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان، 2018-يىل ئاۋغۇستنىڭ تۇنجى كۈنى شۇ يەردە جان ئۈزگەن 27-ياشلىق بىلال ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ۋەقەسىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 2015-يىلى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئېغىر جازا بېرىشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن 109 ئۇيغۇرنىڭ ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە 2017-يىلى نويابىر ئېيىدا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ مالايشىياغا پاناھلانغىلى بارغان 11 ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي تۈركىيەگە يولغا سالغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. يۇقىرىقى 11 ئۇيغۇر مۇساپىر مالايسىيا باش مىنىستىرى تەرىپىدىن «گۇناھسىز» دەپ قارالغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ۋەقەنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق ئىككى ھۆكۈمەتنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغان.

ماقالە ئاخىرىدا ئاپتور ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، بىخەتەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سېلىشتەك بىر توغرا قارارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2014-يىلى 300 گە يېقىن ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندتا تۇتۇلۇپ «چېگرادىن قانۇنسىز كېرىش جىنايىتى» بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان. بۇلاردىن 175 نەپەر كىشى تۈركىيە يەرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ خەلقئارالىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت