خىتاي بىلەن تايلاند ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تايلاند بىلەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان مەزگىلدە بۇنداق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاند كۆچمەنلەر لاگېرلىرىدىكى 300 دەك مۇساپىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى ھەمكارلىق پىكرى تايلاند باش مىنىستىرى پرايۇس چانئوچانىڭ ئىككى كۈنلۈك بېيجىڭ زىيارىتىدە ئىمزالانغان ئىككى تەرەپ قوشما ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان قوشما ئاخباراتنى ئېلان قىلدى. قوشما ئاخباراتتا، «ئىككى تەرەپ قانۇنسىز كۆچمەنلەر، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، تېررورلۇق ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ» دېيىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنى خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىپ، مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى، قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت