«زىمىستان» تورىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنى يەنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىتالىيەدىكى مۇستەقىل ئورگانلاردىن «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى نازارەت ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھۆججەت تارقىتىپ، شەھەردىكى ئولتۇراق رايونلاردىن ئادەتتە پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان كىچىك تىپلىق بايقاش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار بۇنى «ئۇچۇر مۇقىملىقىنى قوغداش مېخانىزمىنى ياخشىلاش» ۋە «ئىجتىمائىي نازارەتنى كۈچەيتىش» دەيدىغان نام ئاستىدا ئېلىپ بارغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ بايقاش سىستېمىلىرى «قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر»، «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر» ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار كاتېگورىيەلەرگە ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاشتا ئىشلىتىلىدىكەن.

«زىمىستان» تورى مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئىشچىلارنىڭ يۇقىرى ئېگىزلىكتە تولۇق بۇرۇلۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئادەتتە بۇنداق كامېرالار خىتاي ئۆلكىلىرىدە كوچا ئاپتوبۇسى، ۋوگزال، زاۋۇت ياكى شۇنىڭدەك ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىكەن. بىراق ئۇيغۇر رايونىدا بولسا بۇ خىل سىستېمىلار ئادەتتىكى ئولتۇراق رايونلارغا ئورنىتىلغانىكەن. بۇ ئىشچىلار ئۆزلىرى ئورنىتىۋاتقان سىستېمىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇلتۇرقى بۇيرۇقىغا بىنائەن ئورنىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن. بىراق ئۇلار بۇ كامېرالارنىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ چىرايىنى سىكاننېرلايدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ۋە دەرۋازا سىرتىدا تۇرغانلارنىمۇ بايقىيالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

يەنىمۇ مۇھىمى، بۇ ئىشچى «بۇ كۆزىتىش سىستېمىسى زىيارەتچىلەرنى ئۆز مىللىتىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرەلەيدۇ. مەسىلەن، خىتايلار، ئۇيغۇرلار، خۇيزۇلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۈرگە ئايرىيالايدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى كەلگەن رايونلار بويىچە گۇرۇپپىلايدۇ. ئۇ ئاھالىنىڭ مەھەللىگە كىرگەن ۋە ئايرىلغان ۋاقتىنى توغرا خاتىرىلەيدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە، بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا شۇ يەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت ۋە تەقىبنى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە قارىماي يەنىمۇ ئاشۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت