ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ «پاختا بازىسى» قىلىۋېلىشتىن باشقا ھازىر بۇ ماكاننى يېڭى زاماندىكى قۇللار ئەمگىكىگە ئايلاندۇرۇشى يېقىندىن بۇيان كۈچلۈك خەلقئارالىق تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىدى. يېقىندا دۇنياۋى پاختا ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان «ياخشىراق پاختا قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «ياخشىراق پاختا قۇرۇلۇشى» ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ساھەدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى تۈپەيلىدىن بۇ قارارنى ئالغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەشكىلات نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەشغۇلات مۇھىتىنى «بارغانسېرى ئادەم چىداپ بولمايدىغان تۈس ئېلىشقا باشلىدى» دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پائالىيەتلىرىنى قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىنكى ئەڭ زور قارارى ھېسابلىنىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاساسلىقى بىڭتۇەن بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى بىكار قىلغان ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمگەك ۋە مەھسۇلات ھالقىلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەبتىن يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم داڭلىق خەلقئارا مەھسۇلاتلار شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ساھەسىدىكى ئالاقىسىنى توختاتقان.

ئاپتور ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق بۇ جايدىكى زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دەۋەت قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت