4‏-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پوتبۇل مۇسابىقىسى 4‏-ئىيۇل باشلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 4‏-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پوتبۇل مۇسابىقىسى 4‏-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا باشلىنىدۇ.

مۇسابىقىدە 7 كوماندا چىمپىيونلىقنى تالىشىدىكەن. «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پوتبۇل مۇسابىقىسى 2015‏-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلقى مۇسابىقە ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ يىلقى مۇسابىقە ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر پوتبۇل كوماندىسى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقە 4‏-ئىيۇل كۈنى باشلىنىپ، 8‏-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

مۇسابىقىدە ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى»، «تەكلىماكان ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى»، «مارىلاند ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى»، «كانادا ئۇيغۇر بوغدا كۇلۇبى»، «لوس-ئانجېلىس ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى»، «سان-فرانسېسكو ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى» ۋە «بوستون نيۇ-يورك بىرلەشمە كوماندىسى» قاتارلىقلار چىمپىيونلىقنى تالىشىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا، 2‏-ۋە 3 ‏-لىككە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلگەندىن باشقا يەنە ھەر بىر پۇتبولچىغا بېرىلىدىغان خاتىرە مېدالى، ئەڭ ياخشى پۇتبولچىغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ۋارىتاغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن پەلەي» مۇكاپاتى ۋە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان پۇتبولچىغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن ئاياق» مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنغان ئىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ساھىپخانى- «تەكلىماكان ئۇيغۇر پوتبۇل كوماندىسى» نىڭ ترېنىرى غەيرەت زاھىر دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا مۇسابىقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «بىز بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى بېسىم ۋە زۇلۇمغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىشنى ئويلايمىز،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت