5-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 1-ئىيۇل باشلاندى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5‏-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پوتبۇل مۇسابىقىسى 1‏-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان-فرانسېسكو شەھىرىدە باشلاندى.

سان-فرانسېسكو شەھىرىدىكى «سان-فرانسېسكو ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ قېتىملىق مۇسابىقە 7‏-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىكەن.

مۇسابىقىدە ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر بىرلەشمە كوماندىسى»، «تەكلىماكان ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى»، «مارىلاند ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى»، «كانادا بوغدا ئۇيغۇر كۇلۇبى»، «لوس-ئانجېلىس ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى»، «سان-فرانسېسكو ئۇيغۇر پوتبۇل كۇلۇبى» ۋە «بوستون-نيۇ-يورك بىرلەشمە كوماندىسى» قاتارلىقلار چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا، 2‏- ۋە 3‏-لىككە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بېرىلگەندىن باشقا يەنە ھەر بىر پۇتبولچىغا بېرىلىدىغان خاتىرە مېدالى، ئەڭ ياخشى پۇتبولچىغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ۋارىتاغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن پەلەي» مۇكاپاتى ۋە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان پۇتبولچىغا بېرىلىدىغان «ئالتۇن ئاياق» مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنغان ئىكەن.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پوتبۇل مۇسابىقىسى 2015‏-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلقى مۇسابىقە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر شتاتتىكى «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت