فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى» ئۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خىتايدىكى ھەرقايسى پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ ئوينايدىغان، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» ئۇرۇشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار ھەققىدە بىر مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى.

6-سېنتەبىر كۈنى تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە خىتاينىڭ دۆلەتلىك كوماندىسىغا كىرىش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان نامزات مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر تونۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېنىق تىلغا ئېلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر پۇتبولچى مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر خىتاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى، ئىتالىيەلىك پۇتبول چولپىنى مارسېللو لىپپى تەرىپىدىن كوماندىغا چاقىرتىلغان. ئەگەر ئۇ تاللانغان تەقدىردە ئۈچ كۈندىن كېيىن قاتار ياكى بەھرەين بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدە خىتاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەرلىك مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر تيەنجىن «تېدا» كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى CCTV نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مارسېللو لىپپىنىڭ ئۆزىنى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزىگە پۇرسەت بېرىلسە، ناھايىتى ياخشى نەتىجە يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى، خىتاينىڭ CCTV قانىلى پروگرامما بويىچە مىرئەخمەنجاننىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمىغان، پەقەت مىرئەخمەتجان ئۆزى «تېز پۈكمەسلىك شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ قېنىدا بار» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادە قىلغان.

مىرئەخمەتجاننىڭ بۇ نۆۋەت دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلىشى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا دۇنياغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەننى نامايان قىلىش يۇقىرىدىن چۈشكەن بىر سىياسىي قارارمۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان. ئۇلار بۇنى «بىپايان شەرق پۇتبۇلچىلىقى» تور بېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تەھرىرى براندون چېمىرستىن سورىغان. براندون چېمىرس بۇنداق بىر ئېھتىمالنى تامامەن يوق دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ لىپپى مۇزەپپەرنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى يەنە بۇ يىل فېۋرالدا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقاندا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئېرفانجان ھېزىمنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇ ئىلگىرى توپ ئوينىغان جېجياڭ كوماندىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ بىر جاۋاب ئالالمىغان. ئۇنىڭ رەسىمىمۇ كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن. خەۋەردە «دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گەرچە خىتاينىڭ پۇتبولچىلىقتىكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر پۇتبولچىلار خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئامان قالمايۋاتقانلىقى ئېنىق» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت