ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «2020-ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىندىن چىققانلار. 2020-يىلى 12-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىندىن چىققانلار. 2020-يىلى 12-مارت، ۋاشىنگتون.
AP

27-ماي «2020-ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن بىرگە قارشى 413 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قانۇن لايىھەسى 14-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسى ئاخىرقى قەدەمدە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن سۇنۇلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن ماقۇللاشتىكى خىزمەت تەرتىپى بويىچە پرېزىدېنت 10 كۈن ئىچىدە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇن سۈپىتىدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

«2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقۇللانغان تۇنجى قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئىچىدىكى مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى- «يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىلللەتلەرنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە قولى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئىقتىسادى توڭلىتىلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى يەنە بىر ماددا بويىچە ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىدىن قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدىكەن.

ئامېرىكادا «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈردى. ئۇلار ئامېرىكاغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت