ئۇيغۇر ئۆسمۈر قازاقىستان چېمپىيونى بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە بوكس، ئەركىن مۇشتلىشىش، كورىيەچە ئېلىشىش - يەنى، تايىكۋاندو، كاراتې، يەنى ياپونچە ئېلىشىش ۋە باشقا شەرق خەلقلىرىنىڭ ئېلىشىش سپورت تۈرلىرىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم. بۇ ساھەلەردە ئۇلار ئارىسىدىن نەچچە ئونلىغان دۇنيا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى. يېقىندا ئەنە شۇ چېمپىيونلار قاتارىغا يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قوشۇلدى.

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتا شاھلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قاراسۇ مەھەللىسىدىكى 160 - ئوتتۇرا ماكانىڭ ئوقۇغۇچىسى خەمىت ئابلەھەت يېقىندا پۈتۈن قازاقىستان بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىدە 40 كىلوگراملىقلار تۈرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، قازاقىستاننىڭ تايىكۋاندو تۈرىدىكى ئۆسمۈر چېمپىيونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەمىت ئابلەھەت «گېبېك» سپورت كۇلۇبىدا مەشىقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەشقاۋۇلى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ باشقا مۇسابىقىلەردىمۇ 1 - ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خەمىت ئابلەھەتنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇستازى ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن قوللىغان ھەم ئىلھام بەرگەن بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن قارىغا ئېتىش بويىچە ئولىمپىك چېمپىيونى ماخمۇت ئۆمەروف، بوكس بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا چېمپىيونى ئابدۇرېشىت ئابدۇللايېف، شەرقچە ئەركىن ئېلىشىش تۈرلىرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى زاكىر توختىيېف، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ئەركىن ئىمىنوف، ئاسىيا چېمپىيونى جەلىلوف ۋە باشقىلار يېتىشىپ چىققان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت