مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تايانچ كادىرلار «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەسەمياد پائالىيىتىگە سېلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بېسىملارنىڭ بىر ئىپادىسى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى ئوچۇق خەت ھەمدە ئوچۇق ۋەدىنامىلەر ئېلان قىلىش شەكلىدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەمدىلىكتە بولسا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى تايانچ كۈچ بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن بۇ كۈرەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 21-ئاۋغۇست سانىدا 2- ۋە 3-بەتنى لىق ئالغان ۋەدىنامىلەر قاتارىدا بورتالا ئوبلاستلىق مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پەرھات توختىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي كىملىكىنى تەۋسىيە قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئوچۇق خېتى بېسىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار پەقەت «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇر سىڭدۈرگەندىلا پارلاق كەلگۈسىنىڭ بولىدىغانلىقى» ئالغا سۈرۈلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاھىرجان لېتىپنىڭ ئوچۇق ۋەدىنامىسىدە بولسا بىر قىسىم زوراۋان كۈچلەرنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى «تېررورچى» دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا «بەختىيار تۇرمۇش» نى كىمنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان.

بۇلارغا قوشۇلۇپ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خىتايچە نەشرىگە «كۈسەن تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەلئەت ئوبۇل يازغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد تارىخى ھەققىدىكى ماقالىسى بېسىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى بايان قىلىنىپ، «پان ئىسلامىزم» ۋە «پان تۈركىزم» نىڭ يېقىنقى زاماننىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى، ھازىرقى مەزگىلنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى «ئەڭ بەختىيار ۋە ئەڭ ئەركىن» باسقۇچ ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشلاردىن بىرى، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا خوتەننىڭ قورچاق ۋالىسى ئەزىز مۇسانىڭ «ئۇيغۇرلار ھون ياكى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت