ئازاد سۇلتان، غازى ئەھمەت قاتارلىق شەخسلەر ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى بايانات ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى سىياسىي ئىپادە بىلدۈرۈش دولقۇنىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىرىدىن مەشھۇر رەسسام غازى ئەھمەت بىلەن ئەدەبىياتشۇناس ئازاد سۇلتاننىڭ ئىككى پارچە سىياسىي باياناتى تەڭرىتاغ تورىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىراتى 2-سېنتەبىر كۈنى ئازاد سۇلتان قاتارلىق بىرقانچە شەخسنىڭ باياناتى ھەققىدە «قەتئىي ئىشەنچ بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەيلى» ناملىق تەقرىز ئېلان قىلغان.

رەسسام غازى ئەھمەت باياناتىدا ئۆزىنىڭ بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەنلىكىنى، 1950-يىللاردىن بۇيان سىزغان «ئادالەتسىز سوت»، «ماۋجۇشىغا دوكلات»، «ھېساب بېرىش» قاتارلىق رەسىملىرىدە 80 گە يېقىن قىزىل ئوبراز يارىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئەدەبىياتشۇناس ئازاد سۇلتان باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغان مەزگىللەردە ‹دۆلەت بولمىسا ئۆي نەدە بولسۇن›، ‹خەنزۇچە ئۆگىنىش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم دەرس› قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدىم. 220 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە تەرجىماننى تەشكىللەپ ‹مەڭگۈ سۈكۈت قىلماسلىق-بىزنىڭ بۇرچىمىز› ناملىق ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلدۇردۇم. بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي تىنچلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشتۇم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «بەزىلەر ‹ئۇيغۇرلار 8 مىڭ يىل، ھەتتا 10 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە› دېسە، بەزىلەر ‹ئۇيغۇرلار سەي لۇندىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى قەغەزنى ئىجات قىلىپ بولغان› دېيىشتى. يەنە بەزىلەر سۆزدىكى تاسادىپىي ئوخشىشىپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ‹ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن گالستۇك تاقىغان، ئەڭ بۇرۇن كاستىيۇم كىيگەن› دېگەندەك بىمەنە يەكۈنلەرنى بازارغا سالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تار دائىرىدىكى مىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. ئۇنىڭ بىۋاسىتە يىلتىزى پان-تۈركىزىم ۋە پان-ئىسلامىزم ئىدىيەسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەرنى سىياسىي بايانات يېزىشقا مەجبۇرلاپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي قەدىرىيەت تۇيغۇسىنى چۆكۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت