خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى 207 ئورۇندا «بەخت ساناتورىيەسى» قۇرىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە 207 ئورۇنغا ياشانغانلار «بەخت ساناتورىيەسى» قۇرۇشنى قارار قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتى نۆۋەتتە بۇ ئورۇنلاردا قۇرۇلۇش باشلانغانلىقى، پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ 30-ئىيۇنغا قەدەر پۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانى رايوندىكى ھەر بىر يېزا-بازاردا بىر ياشانغانلار «بەخت ساناتورىيەسى» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 207 ئورۇندىكى ساناتورىيە قۇرۇلۇشىغا 1مىليارد 458 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلار نۇقتىلىق ھالدا رايوننىڭ جەنۇبىدىكى 22 ناھىيەدە قۇرۇلىدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىغان، قالغان ياش ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرىي يۆتكەپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشى، ياشانغانلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رايوندا نۇرغۇن يەسلىلەرنى قۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى لاگېر ياكى كارخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قارانچۇقسىز بالىلارنى بۇ ئورۇنلارغا يىغىۋالغان. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەنئەنىسى بىلەن بولغان بېغى ئۈزۈپ تاشلانغانىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ «بەخت ساناتورىيەلىرى» نى قۇرۇش پىلانى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە پەرزەنتلىرى تۇتۇپ كېتىلىپ، قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر ياشانغانلىرىنى يىغىۋېلىپ باشقۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ سىياسەتنىڭ «مەركەزلەشتۈرۈپ غەمخورلۇق قىلىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت