خىتاي ئوقۇتقۇچىلار: «ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى!»

2019-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۆت خىتاي ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا روھىي جەھەتتىن قانداق قىيناۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا ئىگە بولدى.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تىلى ھازىر مەكتەپلەردىكى ئەڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولماقتىكەن. جاڭ فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى ئىشلەۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مەكتەپ تەۋەسىدە ئۇيغۇرچە گەپ قىلغانلارنى مەلۇم قىلىشنى يولغا قويغان ھەمدە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا ئوندىن ئوقۇغۇچىنى مەلۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەكتەپ مۇدىرىمىز چوڭ يىغىندا ‹ھۆكۈمەتنىڭ ئېشىنى يەپ تۇرۇپ يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەش نەق ئىككى يۈزلىمىلىك بولىدۇ› دەپ تەكىتلىدى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزتىراپ ۋە تەشۋىشكە تولغان چىرايىنى كۆرسەم ئىچىم سېرىلىپ كېتىدۇ» دېگەن. ئۇ بىر ئېغىر ئۇيغۇرچە سۆزلەپ سالغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ خىتايچە ئۆگىنىش سىنىپىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىسىغا ئۇيغۇرچە سۆز قىلغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جازا ئۈچۈن «مەن ئورتاق تىلدا سۆزلەيمەن» دېگەن خەتنى تۆت مىڭ قېتىم يېزىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان يەنە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر پۈتكۈل ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلار كۆزدىن يوقىتىلغان. ھەرقانداق دىنىي مەزمۇن، جۈملىدىن ئاي-يۇلتۇز، مەسچىت دېگەندەك رەسىملەر كىرگۈزۈلگەن كىتابلار ئامما ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلانغان. ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۆيلىرىدە ئاشۇنداق مەزمۇندىكى كىتابلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە دائىم دوكلات قىلىپ تۇرۇشى لازىم ئىكەن. يېقىندا يەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ دىنىي مەزمۇنلار ئارىلىشىپ قالغان «ئىزوپ مەسەللىرى»، «گرېم چۆچەكلىرى» دېگەنلەرنى تەنقىدلەشنى تەلەپ قىلغان. ئوقۇتقۇچىلار بولسا ھەر ھەپتىسى «دەرسلىك كىتابقا يوشۇرۇنغان سۇيىقەست» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسىغا ياكى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ساتتار ساۋۇت قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش ئارقىلىق «تارىخنى بۇرمىلاش، ئەكسىلئىنقىلاب ئىدىيەلەرنى تارقىتىش» سۇيىقەستى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن ساۋاق ئالىدىكەن.

ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يەنە بىر ئوقۇتقۇچىسى ھازىر ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا مائارىپ ئىدارىسىدىن «ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى» تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇقاۋىسىغا «مەخپىي» دېگەن بەلگىنىڭ بېسىلغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «نورمالسىز» خىيالدا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىدىكى سەۋەبلەر، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلاردىن دائىملىق مەلۇمات توپلاپ، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپلەر پات-پاتلا لاگېردىكىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا خەت يېزىشقا تەشكىللەيدىغان بولۇپ، بۇ خەتلەردە بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ھۆكۈمەتتىن ۋە كومپارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشقا دەۋەت قىلىدىكەن. بىر ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن «ئاتا-ئانام تۇتۇپ كېتىلدى. ئۇلارنىڭ قاچان قايتىپ كېلىشىنى بىلمەيمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن نېمە ئۈچۈن كومپارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن؟» دەپ سورىغاندا ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان.

بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك روھىي بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا قولىدىن كەلگەن ھەممىلا كىشىنىڭ ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت