دائىرىلەر «مەشرەپ مەيدان ئۇسسۇلى» نى خىتاي بويىچە ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى «مەشرەپ مەيدان ئۇسسۇلى» نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر مەشرەپ ئۇسسۇلىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا شۇنداقلا خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شىنجاڭ ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ئەترىتى، مەشرەپ كۇلۇبى دېگەندەك ئاممىۋى جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مەشرەپ ئۇسسۇلىنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

دائىرىلەر رايوندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى خىتايچە ياڭگېر ئۇسۇلى ئويناشقا، خىتاي ئاھالىلىرىنى بولسا چوڭ مەيدانلارغا يىغىلىپ ئۇيغۇرچە مەشرەپ ئۇسسۇلى ئويناشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە بۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر بەلگىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت