قوبۇقسار ناھىيىسىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن بىر دېلو ھەققىدە ئوچۇق سوت ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-10-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئۆكتەبىر كۈنى قوبۇقسار ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى «دىنىي ئەسبىيلىك» بويىچە بىر دېلو ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئاچقان.

ئىسىم-شەرىپى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان مەلۇم بىر گۇماندار «تېررورلۇق گۇرۇپپىسى تەشكىللەش، ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش شۇنداقلا شايكا توپلاش» جىنايەتلىرى بويىچە ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەۋەردە گۇماندارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنى پەقەتلا «خا پالانچى» دېگەن ئېنىقسىز نام بىلەن ئاتىغان. ئۇنىڭ 2013-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «غازات»، «ھىجرەت» ۋە «تەبلىغ» تەشۋىق قىلىنغان ئۈن ‏- سىن فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ۋە باشقىلارنى «ئەسەبىي دىنىي ئىدىيە» گە قۇتراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇمكى، قوبۇقسار ناھىيىسى چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى. ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 54 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 34 مىڭنى، خىتايلارنىڭ نوپۇسى 20 مىڭنى ئىگىلەيدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بويىچە قانات يايدۇرغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى چەت ناھىيەلەرگە قەدەر كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت