ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر رېستورانى «دولان» ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ رېستوران تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالە مەزكۇر گېزىتنىڭ 25-يانۋاردىكى سانىدا «شەرق بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇچرىشىشى، چۆپ بىلەن كاۋاپنىڭ ئۇچرىشىشى» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

مۇخبىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تارتىلغان لەڭمەن، چۆچۈرە، كاۋاپ، توخۇ قورۇمىسى، گۆشنان قاتارلىق تائاملارنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئۈستىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ، گەرچە خىتايچىدا «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان جايدىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان تۈركىي مىللىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ئادەتتە ھەممە ئادەم بىلىدىغان «خىتاي تاماقلىرى» دىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز تاماقلىرىنىڭ «خىتاي تامىقى» دەپ ئاتىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە، كالىفورنىيە شتاتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىنى ئامېرىكىغا تونۇتۇش رولىنى ئويناپ كەلدى. پايتەخت ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى «دولان» رېستورانى مانا بۇ سەپكە قوشۇلغان ئەڭ يېڭى رېستورانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تائاملىرى ئۆزگىچىلىكى ۋە يېڭىلىقى بىلەن كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت