ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر يۈرۈش كىتابلار نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا دائىر بىر قاتار يىرىك ئەسەرلەر نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىسنىڭ پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ 2020-يىللىق نەشر پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە قارشى ئىچكى كۈرەشلىرى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ئەھۋالىغا بېغىشلانغان.

ئاپتور بۇ ئەسەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا كۆپلەپ باستۇرۇشىدىن ھازىرقى كۈندە مىليونلاپ لاگېرلارغا قاماش ئۇسۇلىغىچە بولغان جەريانغا ئومۇمىي نەزەر سېلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتەك تۈپكى سىياسىتىگە باھا بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئازغىنە ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار «تېررورچىلار» قاتارىدا باستۇرۇلغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن قىسمەنلىك ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى نەشر قىلىشنى پىلانلىغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا دائىر ئىككى پارچە ئىلمىي كىتابمۇ بار. ئۇنىڭ بىرى ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دېيۋىد بروفىينىڭ «تەزكىرەئىي ئەزىزان: ئىچكى ئاسىيادىكى سۇفىيلار خانىدانلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ھالاكىتى» ناملىق ئەسىرىدۇر. بۇنىڭدا 16-18 ئەسىرلەردىكى مەخدۇمزادە خوجىلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى خاتىرىگە ئالغان قەشقەرلىك مەشھۇر دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد سادىق قەشقىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ناملىق ئەسىرى زور ھەجىملىك مۇقەددىمە، ئىزاھات ۋە شەرھىيلەر ئاساسىدا ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

يەنە بىر ئەسەر جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئېرىك شلۇسېلنىڭ «غېرىبلار ماكانى: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى» ناملىق كىتابىدۇر. ئېرىك شلۇسېل بۇ ئەسىرىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مانجۇ-خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان شۇنىڭدەك «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «شىنجاڭ» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتىلىدىغان جۇغراپىيەلىك رايوندا خىتايچە تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق كوڭزىچىلىق ئەقىدىسىنى يەرلىك مۇسۇلمانلاردىكى ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن كىملىك توقۇنۇشلىرى، دىنىي ۋە تىل پەرقلىرى ھەمدە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ باشقا ئىللەتلىرىگە قارشى تۇرۇش خاھىشى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت