ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېببىي ساھەگە خىتايلار كۆپلەپ ئىشقا چۈشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن سىقىپ چىقىرىشى يېقىندا تېببىي ساھەدە روشەن ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چاقىرىقىنىڭ روھى بويىچە ھازىرغىچە ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكىدىن كەلگەن 24 مىڭ تېببىي خادىم ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلارغا «مۇتەخەسسىس» بولۇپ ئىشقا چۈشكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ خىلدىكى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئىشقا چۈشكەن «مېھمان مۇتەخەسسىسلەر» ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېتىش نىسبىتى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بۇ ھال «24 مىڭ ئاق خالاتلىق مېھماننىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى لاگېر خىزمىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئېھتىياجى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت