خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىدا ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش، تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاينىڭ ئىككى قۇرۇلتىيىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېتىبارسىز قېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش-تەتقىقات مەركەزلىرى قۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىككى يىغىندا ۋەكىل مېڭ چىڭسەي، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مېڭ چىڭسەي سۆزىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا جوڭگوچە داۋالاش، موڭغۇلچە داۋالاش، زاڭزۇچە داۋالاش تەتقىقات مەركەزلىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، غەربچە داۋالاشتىن پەرقلىق بولغان ئەنئەنىۋى تېبابەتكە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى كەمچىل بولغانلىقىدىن بىر ئەۋلاد ياش تىۋىپلارنى تەربىيىلەش، ئۇيغۇر دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش-تەتقىقات قاتارلىقلاردا بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، كېڭىيەلمەسلىك، تەرەققىي قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ماتېرىيال ۋە ئىنكاسلاردا، ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى 80-يىللاردا تېرە كېسەل، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىرى قاتارلىق ئىچكى كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى نەتىجىلىرى بىلەن خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تونۇلۇپ شەرەپ قازانغان بولسىمۇ، ئەمما 2000-يىللاردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتە ئۇيغۇر تىۋىپلىرىغا خىتاي تىلى ئۆتكىلى نامىدىكى ئېمتىھانلارنى زورلاپ تېڭىشى قاتارلىق توسالغۇلارنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دوختۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشىنى ھەمدە ئۇيغۇرچە شەخسى دوختۇرخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشىنى تەسلەشتۈرۈشى شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتىدا ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنى تەربىيىلەشتە مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى بويىچە داۋالاشتا زور چېكىنىش ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت