ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى ئاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سېتىلىش نىسبىتى تېز ئاشماقتا، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىدىن مەخسۇس زۇكامنى داۋالايدىغان«زۇكام جەۋھىرى»نىڭ سېتىلىش سومممىسى 2015 - يىلى، 100 مىليون سومدىن ئاشقان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 81 دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىدىن 12 سى بار ئىكەن. مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان «يىندولەن» ئۇيغۇر تىبابەت پاي چېكى شىركىتىنىڭ تىبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ھەر يىلى 40 پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان.

ئەمما، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى قوللىنىش ۋە سېتىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات يوق بولۇپ، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر رايونى ئىچىدە تارقىلىش ھالىتىدە بولۇپ، قىسمەن تۈردە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگىمۇ تارقىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ياساپ ئۇنى خەلقئارا بازارغا سېلىشتا تۈركىيەدە ياشايدىغان مەشھۇر ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت مۇتەخەسسىسى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى، پروفېسسور مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندىمۇ يىللاردىن بۇيان زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى «فارابىم»ناملىق ماركا سۈپىتىدە ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى دورا زاۋۇتىدا ياساپ تارقىتىپ، تۈركىيەدىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى بىمارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت