ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيتىلمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەتكە قىلىنىدىغان ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرغان. ئەمما « ياردەم بېرىش » نامى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا زادى قانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.

ئۇيغۇر ئېلى كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلى بۆلۈپ بېرىلگەن 19 ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرىدىكەن. دائىرىلەر جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت 3 ئورۇندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، قوشۇمچە بېكىتىلگەن 19 تۈر ئۈچۈن يەنە جەمئىي 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان. ئەمما خەۋەردە يېڭىدىن بېكىتىلگەن 19 تۈرنىڭ نېمىلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بەرگەندىن بۇيان بۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىق خادىم بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىنكاس قىلغانلار 19 ئۆلكىنىڭ ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۈنىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ قېيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ بۇ ئۆلكىلەردىن چىققان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈۋېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت