ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغماس قىلىۋېتىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» نىڭ بىر مۇھىم تۈرى دەپ قارالغان بۇ ھادىسە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. 25-ئاۋغۇستتا تەيۋەندىكى «يېڭى گۈللىنىش» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ھازىر بۇ ھالنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا تېببىي دورىلار ۋاسىتىسى بىلەن تۇغماس قىلىۋېتىلىدىغانلىقى بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولغاندىن بۇيان، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ مەجبۇرىي شەكىلدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ گەپ-سۆزلەر تارقالغان. ھالبۇكى، لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشى سەۋەبلىك لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇرغۇن سىرلار سىر پېتى كېتىپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. چۈنكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىش ئەمەس، بەلكى سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئېشىپ مېڭىشقا يۈزلىنىشى بۇ ھالنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ھېسابلىنىدىكەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېردىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىدىكى بىر يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ، يەنى «ئېتنىك تازىلاش» دولقۇنىنىڭ ئىنكاسى ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ماددىي ياردەم» ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمۇ ئارىلاشما قانلىق ئۇيغۇرلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىكەن.

ئاپتور ئاخىرىدا «بۇ ئەھۋالنى پاكىتلار بىلەن دەلىللىگىلى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئاشكارا بولاتتى» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت