ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار «قانۇنسىز توپلاندى» دەپ تۇتۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۈشەنبە كۈنى نامازشام ۋاقتىدا ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى مەھەللىسىدە 4 نەپەر تۇڭگان ۋە قالغىنى ئۇيغۇر 27 كىشى قانۇنسىز توپلانغان، دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ نامازشام ۋاقتىدا نېمە ئۈچۈن بىر قورۇغا توپلىنىۋالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن 70 نەچچە سائەت تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت، تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ بەيگە مەيدانى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن 4 ئۇيغۇرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ سانجى يولىدىكى قاسساپخانىدا پوكانچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانى مەھەللىسى خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى نۇقتىلىق تەقىب قىلىدىغان مەھەللىلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللە 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، بۇ مەھەللىدىكى 14 ياشتىن يۇقىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەرلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتۇپ كېتىلگەنلەردىن بەزلەرنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بېزىلەر ئىز-دېرەكسىز يوقالغان، يەنە بېزىلەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بىر قىسمى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق دۈشەنبە كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ كىشىلەر ئىپتارغا چاقىرىلغان بولۇشى ئېھتىمال. ئۇ، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك پائالىيەت ئەركىنلىكى قانچىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت