ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ چىڭىتىلدى

2014-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامال مىسلىسىز كۈچەيتىلگەن. 28 - ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە ئارقىدىنلا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق چىڭىتىلغان. ھەرقايسى كىرىپ - چىقىش ئېغىزلىرى، پويىز - ئاپتوبۇس، ئاپتوموبىللار قاتتىق تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. كوچىلاردا قوراللىق - قورالسىز چارلىغۇچى ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.

ئاممىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر چىقارغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن ئۇيغۇرلار بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملىتىپ، كىنىشكا ئېلىپ بېرىشى، بارغان يېرىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بولسا ساقچىلار خالىغان ئۇيغۇرنى توختىتىپ، ئۇ كىشىنىڭ تېلېفونى ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، تەكشۈرەلەيدىكەن. بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، ۋەھىمىنى قاتتىق كۈچەيتىۋەتكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقى يەكەندىكى ۋەزىيەتنىڭ بولسا ھېلىھەم ئىنتايىن چىڭلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەكەندە كوچىلار ھازىر قوراللىق مېڭىپ يۈرگەن ساقچىلار ۋە قەدەمگە بىر قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسىمۇ تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت