ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت قورقۇنچلۇق فانتازىيەگە ئوخشىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاۋاتقان «زىمىستان» تورىدا چارشەنبە كۈنى «شىنجاڭدىكى دىستوپىيەلىك رېئاللىق» تېمىسىدىكى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، كىشىگە قورقۇنچلۇق فانتازىيەلىك فىلىملارنى ئەسلىتىدىغان، رېئاللىقتىن تولىمۇ ئۇزاق بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان تولىمۇ رېئال بىر بىر ۋەزىيەت سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

ماقالە ئاپتورى رۇز ئىنگرام ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇ يەردىكى ھەربىر كىشىنىڭ ھازىر ئاتالمىش بىر «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» نىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ بولسا ئۆزىنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دا كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىر كىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «كۆرۈنمەس دۈشمەنلەر» بىلەن كۈرەش قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي «رەڭگى» نى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، رايوندا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە بىر قورقۇنچ پەيدا قىلغان. ئۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى قورقۇنچلۇق بىر چۈشكە ئوخشىتىپ قويۇلدى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت