ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ چوڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» 20-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى جامائەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەمگە يەتتى»، دەپ جاكارلىدى.

مەزكۇر مەركەزنىڭ تىۋېتتېردىكى باياناتىدا نۆۋەتتە بۇ خىل تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ «قايتا تەربىيە ئېلىش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «مۇقىملىق» تەدبىرلىرى باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش نىشان بولۇۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم قەيت قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش تۈپەيلىدىن خەلقئارادىكى خىتاينى ئەيىبلەش دولقۇنىغا بارغانچە كۆپ تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر ئاۋاز قوشماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت