ئۇيغۇر ئېلىدا يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى تىزىملىتىپ سېتىش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2015-يىلدىن باشلاپ، يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ، سېتىش-سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دائىرىلەر يەنە ۋە بۇ بەلگىلىمىنى تۈزۈشتىكى مەقسىتى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يانفون ۋە مۇناسىۋەتلىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامنامىسى»دە،يانفون ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە نىمكەش يانفون،كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلارنى تىزىمغا ئېلىش بەلگىلەنگەن. خەۋەردە بەلگىلىمىنىڭ ئاساسلىقى يانفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بەلگىلىمىدە، نىمكەش يانفون سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقى، ئىلگىرى يانفون كارتىسى سېتىۋالغانلارنىڭ نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېكىتىلگەن نۇقتىلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، مەزكۇر نىزامنامىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەدەنىيەت نازارىتى، ج خ نازارىتى، ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى، مىللەتلەر كومىتېتى(دىنىي ئىشلار ئىدارىسى)، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قاتارلىق ئالتە ئورگاننىڭ بىرلىشىپ تۈزۈپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت