ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 70 مىڭغا يېقىن كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈرمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 14-فېۋرال ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش خىزمىتىنى باشلىغان.

قارارغا ئاساسەن تۇنجى تۈركۈمدە 70 مىڭغا يېقىن كادىر ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلىدىكەن.. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى مەزكۇر پائالىيەتنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دەپ ئاتىغان ۋە 200 مىڭ كادىرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 5-مارت كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى 182 ئورگاندىن تەشكىللەنگەن 3292 كادىر تۆۋەنگە چۈشۈپ بولىدۇ، ئۇلار جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نۇقتىلىق مۇرەككەپ كەنتلەرگە ئورۇنلىشىدۇ، دېيىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىنى ئۇيغۇر ئېلىدا كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملىرى، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردا قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ياغلىق چىگىش، ھىجاپلىنىش ۋە ساقال-بۇرۇت قويۇشنى چەكلەشكىچە بېرىپ يەتكەن دىنىي بېسىم سىياسىتى خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت