ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» چىقىرىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تېررورلۇققا قارشى يەرلىك قانۇن چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر بۇ قانۇن چىقىرىلسا، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىقارغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇنجى قانۇن بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى بو شياۋ، قانۇن لايىھىسى قۇرۇلتاينىڭ كېيىنكى پەسىللىك خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، بىراق قانۇننىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى رەسمىي ماقۇللىنىشقا بىر قانچە يىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى قوزغىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قانۇن لايىھىسىنىڭ مەزمۇنى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھەر خىل دەپسەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بو شيا، «خەلق گېزىتى» گە بەرگەن مەلۇماتىدا، ھازىر قانۇن لايىھىسىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە تەسىر كۈچى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «جىنايى ئىشلار قانۇنى» سېلىپ باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» چىقىرىش قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان كۈنى ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى دەستەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي، سىياسىي كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت