قەشقەردە ساقچى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قەشقەردە ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 18 كىشى ئۆلگەنلىكى تۇنجى قېتىم ئىستانسىمىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر رويتېرس ئاگېنتلىقى، ب ب س، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى، ئەل-ئارابىيا قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئۇستىلىرىدا ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن يەرلىك گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى.

خەۋەرلەردە رامزان كىرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرلۈك دىنى چەكلىمىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەجبۇرى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەتنىڭ يەنە جىددىيلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەم شۇنداقلا ھاراقنىڭ ئىسلام دىنىدا قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە رامزان باشلىنىشتىن دەل بىر كۈن ئاۋۋال پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنماي جىمجىتلا باستۇرۇلۇۋېتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت