جاڭ چۈنشيەننىڭ «شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى» ئۆلچىمى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى» دېگەن سەپسەتەنى بازارغا سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنشيەن بازارغا سالغان «شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى» نىڭ ئۆلچىمى «تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، ئەخلاقلىق ۋە پەزىلەتلىك بولۇش ھەمدە كەسپىي ئاساسى چىڭ بولۇش» قاتارلىقلار ئىكەن.

ھالبۇكى، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەرىپلەنگەن يۇقىرىقى 4 ئۆلچەمنىڭ ئالدىنقى ئۈچى مەزمۇن ۋە ماھىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي سىياسىي ئۆلچەم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتالمىش «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش»، «ئۈچ خىل رەزىل كۈچكە ئورتاق قارشى تۇرۇش»، «بەشنى تونۇش» ھەمدە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» دېگەندەك سىياسىي شەرتلەر تەكىتلەنگەن.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىم ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشى ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، جاڭ چۈنشيەن بازارغا سېلىۋاتقان «شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇشتىكى ئاتالمىش 4 ئۆلچەمگە باھا بېرىپ، «بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت