ئۈرۈمچىدە چىرايىنى تونۇپ مەھەللىگە كىرگۈزۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

30-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت نامىدا، چىرايىنى تونۇتۇپ مەھەللىگە كىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭۋەن مەھەللە ئولتۇراق رايونى 30-ئىيۇلدىن باشلاپ تۇنجى بولۇپ چىراي تونۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يولغا قويغان. خەۋەردە «چىراي تونۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت شۇ ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن » ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كۆزىتىش ئۆيىدىكى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا شۇ ئائىلىلىكلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ھەر بىر كىشىنىڭ كىملىكى، فوتو رەسىمى قاتارلىق ئارخىپلار كىرگۈزۈلگەن. كومپيۇتېر سىستېمىسى دەرۋازا ئالدىغا كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ چىرايى كومپيۇتېر ئارخىپىدىكى رەسىمگە ئوخشاشلىقىنى 5 سېكۇنت ئىچىدىلا جەزملەشتۈرۈپ، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ چىرايىنىڭ ئوخشاشلىق نىسبىتى 95% كە يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ شۇ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. سىرتتىن كەلگەنلەر ھەقىقىي كىملىك ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىنلا ئولتۇراق رايونغا كىرەلەيدىكەن.

خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل چىرايىنى تونۇپ مەھەللىگە كىرىش سىستېمىسىنى كېلەر يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى يولغا قويۇشىغا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت