چېن چۈئەنگو مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ رايوندا «قاتتىق زەربە بېرىش ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش» نى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-ئايدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ چىڭىلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى» چاقىرىپ، قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى تەلەپ قىلغان.

چېن چۈەنگو يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى «خىتاينىڭ›ئىككى 100 يىل‹لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ ئاتلانغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈن» دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلاشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «رايوندىكى مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشنى» تەلەپ قىلغان.

ئۇ بۇندىن باشقا يەنە چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى» دېگەندەك پائالىيەتلەرنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «بۇنداق پائالىيەتلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، مەزكۇر يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باش ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى قاتناشقان. چېن چۈەنگو يەنە، رايوندىكى مۇقىملىقنى قوغداشتا «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت يۇقىرىدىكى بۇ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى توختىلىپ «ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق باھانىسى بىلەن 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە باشقىلار لاگېرغا قامالغان ھەم پۈتكۈل رايون ئاللىقاچان بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان بىر شارائىتتا يەنە مۇقىملىقنى تەدبىرلىرىنى چىڭىتىشتىن سۆز ئېچىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە «چېن چۈئەنگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش كېرەك، دېيىشىنىڭ ئۆزىلا رايوندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىمدىن دېرەك بېرىپ تۇرماقتا» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت