خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخىرقى «ھەل قىلىش چارىسى» نېمە؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ھەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە مەھكۇم بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى ھەققىدە كۆپلىگەن تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، ئا ق ش دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ پروفېسسورى مايلىس يۈ 9-ئۆكتەبىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى ئاخىرقى «ھەل قىلىش چارىسى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى «شەرقىي تۈركىستان» نامىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنى خىتاينىڭ بىر قىسمى قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن بۇيان، بۇ جايغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش، زور ساندا نوپۇس كۆچۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ، شۇنىڭدەك خىتاي ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ زور كۆلەمدىكى مەۋجۇتلۇقىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. ئەمما ئۆتكەن يەتمىش يىللىق تارىخ بۇ جايدىكى «باش ئاغرىقى»نىڭ ساقايمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بىردىنلا جىددىي تۈس ئالغان ئۇيغۇرلار دىيارىنى تولۇق كونترول قىلىش ئۇرۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئىلگىرىدىكى نەچچە ھەسسە ۋەھشىيانە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى» نى بىر يولىلا ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىش چارىسى، دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتىكى مىليونلىغان كىشىلەر قامالغان، دەپ قارىلىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزمى، غايەت زور ساندىكى ساقچىلار قوشۇنى ۋە ئارمىيە، ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق تىپىك مەسىلىلەر كېلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتور بۇ خىل «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى بىرىنچى سەۋەب، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى غەرب كۈچلىرى خىتاينى موڭغۇلىيە، كورېيە تەرەپتىن تارتىپ تاكى ئافغانىستانغىچە پۈتۈنلەي قورشاپ بولغان. بۇنىڭدىكى ئامېرىكىنىڭ تەسىرى بەكمۇ ئاجىز ياكى يوقنىڭ ئورنىدا بولغان بىردىن-بىر نۇقتا دەل ئۇيغۇر دىيارى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ جاينى بۆسۈش ئېغىزى قىلغان ھالدا ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل «قورشاۋى»غا تاقابىل تۇرۇشنى ئىستىمەكتە ئىكەن.

ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى»مۇ دەل مۇشۇ خىل مەقسەتنىڭ بىر مەزمۇنى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دىيارى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدىكەن. شۇڭا «يېڭى يىپەك يولى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى»نى بىراقلا ھەل قىلىۋەتمەكچى بولغان.

ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى غەرب كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئورتاقلىق ئاساسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ «ئىتتىپاق»نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «ساغلام مۇھىت» بەرپا قىلىش خىتايغا بەكمۇ زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىشقا موھتاج ئىكەن.

تۆتىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتقان خىتاي شوۋىنىزمى ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى «ئەجدىھانىڭ پۇشتى» بولغان جۇڭخۇا ئائىلىسىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى تەرغىب قىلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان جىسمانىي ئالاھىدىلىكى بولسا بۇنىڭدىكى بىر چوڭ توسۇق ئىكەن.

ئاخىرىدا ئاپتور ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق غەلىبە قىلغانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت