ئۇيغۇرلارنىڭ قاباھەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشلار ۋە نازارەت مېخانىزىمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلىشى، بولۇپمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېچە-كۈندۈز قورقۇنچ ۋە قاباھەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن نازارەتنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كوچىلىرىدا كۆپ ئادەم كۆزگە چېلىقماس ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. قاتمۇ-قات ئورنىتىلغان كامېرالار ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە بارغانلىقى، نېمە ئوقۇۋاتقانلىقى، كىم بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىممۇ ئالدىراپ سىرتقا چىقماس بولغان.

بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى يېقىندا چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئون نەچچە ئۇيغۇر ياشنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىلا نامسىز شەكىلدە زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ھەمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىكى قورقۇنچنىڭ مەنبەسى خىتاي ھۆكۈمىتى داۋراڭ قىلىۋاتقان «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىياسىي كونتروللۇقى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ يىللىق «جامائەت خەۋپسىزلىك خامچوتى» 2016-يىلدىكىگە قارىغاندا 50 پىرسەنت، يەنى 45 مىليارد سوم (8.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) ئاشقان. بۇ سان ئۆتكەن يىلقى يىللىق ئېشىشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت