خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن ئاقلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىش ئىستراتېگىيەسى بۇ يىل ئاپرېل كىرىشى بىلەن رەسمىي ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغان.

دائىرىلەر 12-ئاپرېل كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپان شەھىرىنى تەسىس قىلىشى ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، 1997-يىلى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ۋە ئىلى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقسىزلاندۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

چەتئەللەردىكى مۇستەقىل تاراتقۇلار تۇرپان ۋىلايىتى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ۋە ئانالىزلار ئېلان قىلغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قولىدىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا شەھەر تەسىس قىلىشنىڭ ئاتالمىش «پايدىلىرى» ھەققىدە داۋراڭ سېلىشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت