بلۇمبېرگ تېلىۋزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر پروگراممىسى كاشىلىغا ئۇچرىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا «بلۇمبېرگ تېلىۋىزىيەسى» ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تارقىتىۋاتقاندا خىتاينىڭ تور ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش دائىرىلىرى ئېكراننى قارايتىپ، خىتايدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلاردىن خەۋەردار بولۇشىنى چەكلىگەن.

بلۇمبېرگ تېلىۋىزىيەسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سېلىنا ۋاڭ تىۋىتتىردا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، 4-دېكابىر كۈنى بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىنىڭ تارقىتىشى ئېكران قارايتىلىش ئارقىلىق كاشىلىغا ئۇچرىغان پەيتتە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز زىيارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز «بلۇمبېرگ تېلىۋىزىيەسى» گە قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىر رايوندا ئاز دېگەندە 900 مڭدىن بىر مىليون 800 مىڭغىچە تۇتقۇن ۋە 1400 ئەتراپىدا لاگېر بار» دېگەن. ئادىرىيان زېنز يەنە مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلدى، گەرچە بۇ خىتاينىڭ سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، ھەتتا ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زىيان ئەپ كەلسىمۇ، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە قارشى ئېتىلغان تۇنجى ئەمەلىي قەدەم».

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشى خەلقئارالىق داڭلىق ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت