ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى مېچ ماككونېلغا چاقىرىق قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 3-دېكابىر كۈنى 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى» نى بۇ يىل ئاياغلاشماي تۇرۇپ كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى پائال ھەرىكەتكە كەلدى.

11-دېكابىر كۈنى ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مېچ ماككونېلغا خىتاب قىلىنغان بىر قىسقا ۋىدىيو تەييارلاپ تارقاتتى. بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ۋىدىيودا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار ۋىدىيودا «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئاتا-ئانا، تاغا-ھامما ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى لاگېرغا قاماش، گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئامېرىكا زېمىنىدا تۇرۇپ كونترول قىلىشقا، چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ،» دېگەن.

ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا مىليونلارچە كىشىنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى مېچ ماككونېلنى ئاۋام پالاتادا تارىخىي خاراكتېرلىك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ لايىھەنى دەرھال كېڭەش پالاتادا ئاۋازغا قويۇپ ئۇنىڭ بۇ يىل ئۆرۈلمەي تۇرۇپ قانۇنغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا دەۋەت قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 8‏-دېكابىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە چاقىرغان ئىدى. يۇقىرىقى بۇ ۋىدىيومۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كېڭەش پالاتا رەھبىرى مىچ مىككونېلغا ۋە باشقا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىشى، خەت يېزىشى، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا جەمئىيىتىگە خىزمەت ئىشلەپ، تەتقىقاتچىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار ۋە قولۇم-قوشنىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشى زۆرۈر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت