ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە يوقىتىش نىشانى بولۇۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن تاجسىمان ۋىرۇسىغا جاۋابكار بولۇشى ھەققىدە تۈرلۈك چۇقانلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يەنە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقىدەك ۋەھشىيلىككىمۇ جاۋابكار بولۇشى لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيەدىكى «مۇكەممەل دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى» تورىدا 6-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالىدا بۇ ھال يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولغان پاكىتقا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن لاگېرغا قامالمىغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە بايان قىلىندى. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك پائالىيىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر بىر مىنۇتلۇق پائالىيەتلىرىگىچە نازارەتتە ئىكەنلىكى، ئۇلارغا تەئەللۇق بارلىق شەيئىلەر، جۈملىدىن ئۆي، ماشىنا، بەدەن، تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خالىغانچە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ خىلدىكى نازارەتنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكى كۆرسىتىلدى.

ئاپتورنىڭ تەكشۈرۈشىچە، نۆۋەتتە لاگېرغا قامالغان كىشىلەر ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمان قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئۇيغۇر بولۇشتىن باشقا، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك كادىرلار ياكى ھاكىمىيەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان سەنئەت، تېبابەت ساھەسىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «ھېچقانداق ئۇيغۇر بۇ خىل نازارەت ۋە تۇتقۇندىن خالىي بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

بولۇپمۇ ئاپتور تۈركىيەدە زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا ئەڭ قەدىردان كىشىلىرىدىن جۇدا بولغان ھالدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەتتا ئاشۇ جۇدالىقتىكى قەدىردانلىرىنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت