ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپلەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي تۇتقۇندا كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ، شۇ قاتاردا زور ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئېغىر ئەندىشىگە گىرىپتار قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» مۇشۇ ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلغان ھالدا مەخسۇس دوكلات ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق ھالدا ھالاكەتكە يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر بەش داڭدار زىيالىنىڭ لاگېرلاردا ۋە تۈرمىلەردە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان 338 نەپەر سەرخىل ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ قەيەردە قاماقتا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» دېگەنلەر ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن.

ھازىرغىچە بۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدىكى زور بىر قىسىم كىشىلەر ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان كىشىلەر ئىكەن. دوكلاتتا مىسال ئېلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن مۇتەللىپ نۇرمۇھەممەد بولۇپ، ئۇ 2000-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكىدا ئوقۇغان. مۇتەللىپ كالىفورنىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە شەرقىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمى ۋە ئۇچۇر ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا زور تىجارەت تورى بەرپا قىلغان دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان. يېقىندا ئۇنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ توققۇز كۈن ئۆتكەندە جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان.

دوكلاتتا بىر قىسىم چەتئەل ئالىملىرىنىڭ، جۈملىدىن تونۇلغان تارىخشۇناس جېيمىس مىلۋاردنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلار، سەنئەتكارلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، تەھرىرلەر ۋە نەشرىياتچىلار قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەسىدىكى غوللۇق كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى «مەدەنىيەت جەھەتتىكى تازىلاش قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدەك خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى تېزدىن ئەيىبلەشكە، شۇ ئارقىلىق يەنە بىر قېتىملىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت