مىشېل باشېلېت ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 24‏-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە باشلاندى. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلېت يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا مىشېل باشېلېتنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زىيارەتكە ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلماسلىقى كېرەكلىكى، زىيارەتتە ئۆزلىرىنىڭ خالىغان جاينى تەكشۈرەلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. مىشېل باشېلېت 24‏-ئىيۇن كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41‏-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى مەيدانىنى يەنە تەكىتلە: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۆز ئارا ئالاقىلەردە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى، شۇنداقلا باشقا مەسىلىلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمەن. مېنىڭ ئىشخانامدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى مۇزاكىرىسى داۋام قىلماقتا» دېگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانغا 2 يىلدەك بولغان بىر مەزگىلدە باشلانغانىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى سۆزلىتىپ، ئۇ ئارقىلىق رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ 24‏-ئىيۇن قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن تۇنىيازنى سۆزلەتمەسلىكنى قارار قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون دۈشەنبە كۈنى تۋېتىردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ 41‏-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆزلىمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. سوفىيە رىچاردسون ئۇچۇرىدا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «قارىغاندا، خىتاينىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىرى ئۇنى سۆزلىتىشنىڭ كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرگەندەك قىلىدۇ» دېگەن. يىغىن باشلانغان 24‏-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

تولۇق بەت