ئۇيغۇر رايونىدا كېۋەزگە تارقالغان بىر خىل ۋىرۇسنىڭ جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كېۋەزلەرگە بىر خىل ۋىرۇس تارقىلىپ، رايوننىڭ پاختىچىلىق ئىگىلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسنىڭ «نۆۋەتتە كەڭ كۆلەملىك تارقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ۋە كىشىلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر كېۋەز تەتقىقاتچىسى «بىز ئالاقزادىلىك ئىچىدە چارە-تەدبىرگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز» دېگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ ۋىرۇسنىڭ دەرھال ئالدى ئېلىنمىسا، ئۇ خىتاي پاختىچىلىق ئىگىلىكىگە 50 مىليارد يۈەن زىيان سالىدىكەن. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ 84 % نى ئىگىلەيدۇ. لېكىن مەزكۇر ۋىرۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ چىقىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى بۇ كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە تارقالغان. يېقىندا ئامېرىكادىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختىچىلىق ۋە رايوندىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى پاختىزارلىق ۋە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ «خەلقئارا پاختا-توقۇمىچىلىق تەمىنات زەنجىرىنى زەھەرلىگەنلىكى، خىتايدىن پاختا-توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. 

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋىرۇس تۈرى‏ - بېگومو ۋىرۇس تۈرىگە مەنسۇپ بولغان بۇ ۋىرۇس كېۋەز يوپۇرمىقىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، كېۋەز غولىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كېۋەز غوزىكىنىڭ يىرىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەھسۇلات مىقدارىغا جىددىي تەسىر قىلىدىكەن. خەۋەردە، خىتاي مۇئەسسەسىلىرىنىڭ بۇ ۋىرۇسقا قارشى بىر خىل ئۈنۈملۈك دورا ئىشلەپچىقارغانلىقى، لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر بۇ دورا بەك كۆپ ئىشلىتىلسە ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت