خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش قىلمىشى تەنقىدلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا يۈز مىڭلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە بۇ سەۋەبتىن قارانچۇقسىز قالغان مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان دارىلئېتاملارغا ئەۋەتىلىشى غەرب دۇنياسىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-سېنتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىدا بۇ ھادىسە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قانۇنسىز مېكسىكا كۆچمەنلىرىنى پەرزەنتلىرى بىلەن قايتىدىن جەم قىلىش سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشى «ئاللىقاچان تارىختىن يۈتكەن ۋەھشىيانە سىياسەتنى يېڭىۋاشتىن ئىجرا قىلىش» دەپ ئەيىبلەندى.

مەزكۇر ماقالىدا ھازىر ھەرخىل ناملاردىكى دارىلتام لارغا ئەۋەتىلىۋاتقان گۆدەكلەرنىڭ لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئانا تىلىدىن ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ خىتايچە سۆزلەشكە، خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ ھەمدە بۇ ھال «‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن بۇيانقى ئەڭ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل دارىلتاملار تىكەنلىك سىم توساقلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى قوراللىق ساقچىلارنىڭ كۆزەتچىلىكىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئاپتورلار يەنە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، بۇ خىل ئائىلىۋى جۇدالىقنىڭ يالغۇز ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا سولانغان ئۆسمۈرلەرگىلا ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياتاقلىق مەكتەپ تورى بەرپا قىلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھەرقانداق ئۇيغۇر بالا مۇشۇ مەكتەپلەرگە بېرىشى شەرت ئىكەن.

شەكىل جەھەتتە دارىلئېتاملارغا ئوخشايدىغان بۇ مەكتەپلەردىكى بالىلارنى يوقلىماقچى بولغان ئاتا-ئانىلار ھەپتىسىگە بىر قېتىم كۆرۈشەلەيدىكەن. بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىزنى ھەر چارشەنبە كۈنى بىر قېتىم كۆرۈشتۈرىدۇ. بالامغا ئالغاچ كەلگەن كەمپىتنى رىشاتكىنىڭ بۇ يېقىدىن ئۇ تەرەپتىكى ئوغلۇمغا سۇنۇپ بەردىم» دېگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى بۇ ھادىسىنىڭ خەلقئارانىڭ تېخىمۇ زور دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت